ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئىستانبۇلدىكى پىداكارلىرىمىزنىڭ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشى بىلەن، قەيسەرى، ئىستانبۇلدىن خاتايغا بېرىپ، سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان تۈرك ئەسكەرلىرىمىزگە قان بېرىش، شېھىتلەرنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىنى يوقلاش ۋە شۇ يەردە قۇربانلىق قىلىش پائالىيىتى ئۈچۈن ھازىرلانغان 400 دىن ئارتۇق پىداكار قېرىنداشلىرىمىز، بۈگۈن ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 15:00 دە ئىستانبۇلدىن يولغا چىقتى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، پىدائىي؛ىرىمى بۇ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا، شۇ يەردىكى ئەسكەرلەر ۋە خەلق ئاممىسىغا ئۇيغۇر پولوسىنى ئېتىپ ئېغىز تەككۈزىدىكەن.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقان پىدائىيلىرىمىز، ئۆزلىرى ئۈچۈن تۈرك ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش فورمىلارنى ھازىرلىغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا ئەسكەرلەر بىلەن ئوخشاش فورما كىيىش ئارقىلىق ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىگىنى، ئەگەر دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى بولسا، ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىدىغانلىقىدەك ئارزۇسىنى بىلدۈرىدىكەن.
بىز «ۋاپا قەدىمى» پائالىيىتىنى يېقىندىن تەقىب قىلىپ، خەلقىمىزنى يېڭى خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز.