ۋاتساپ توپلىرىدا ئۇچۇر توپلاۋاتقان خىتتاي غالچىلىرىنىڭ ۋاتساپ نومۇرلىرى ئاشكارىلاندى
ئۇيغۇرنىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان پىدائىيلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، ۋاتساپ توپلىرىدا ئۇچۇر توپلاۋاتقان خىتتاي غالچىلىرىنىڭ ۋاتساپ نومۇرلىرى ئاشكارىلاندى.
پىدائىيلارنىڭ ئۈزۈن ۋاقىت تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، ۋاتساپ توپلىرىغا چەت ئەلنىڭ نومۇرلىرى ئارقىلىق قېتىلغان يوشۇرۇن ئاپشاركىلارنىڭ، كىملىكىنى بىلگەن ئۇيغۇرلارنى، ئۆزىنى ھەر قايسى توپلارغا قېتىپ قويۇشقا ياكى ئۆزىگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق، ۋاتساپ توپلىرىدا بولۇۋاتقان گەپ – سۆزلەرنى توپلاش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىش – پائالىيەتلىرىدىن خەۋەر تېپىش، تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ پىلان، پائالىيەتلىرىنى رەسىمگە تارتىپ يوللاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئاشكارا قىلىنغان نومۇرلار توۋەندىكىچە:
447451217646 85296520541
447495210416 491771403746
447893364197 85262122476
447305155079 85266522243
008615909081880قاتارلىق نومۇرلار بولۇپ، ھەر قايسى توپ باشلىقلىرىدىن، توپلاردا يۇقارقى نومۇرلار بولسا چىقىرىپ تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلاردىن، ئۆزلىرى بايقىغان يۇقارقىدەك ئەھۋاللار بولسا بىزگە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.