ۋەتىنىم
ئائىشە ئابىدىن
ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان،
ھېچكىمنىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن ۋەتەن.
ۋەتىنىم دەيدۇ ئەمما ھېچ كارى بولمايدۇ،
سىز نەلىك دەپ سورىسا خىتتايدىن كەلدىم دەيدۇ.
زالىم خىتتاينىڭ قولىغا ئۆز تىلى بىلەن ۋەتىنىنى بېرىۋېتىدۇ،
قېرىندىشى جان تالىشىۋاتقاندا.
ئۇيغۇر مىللىتى ئويناپ يۈرۇيدۇ خۇددى ھېچنىمە بولمىغاندەك،
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ۋەتىنىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك كۆرىنىدۇ.
ئوغلانلىرىدىن ئايرىلغان يالغۇز بىر ۋەتەن ئىدى،
ئانىسىزلارغا ئانا بولغان، دادىسىزلارغا دادا بولغان بىر ۋەتەن ئىدى.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانا تۇپرىقى ئىدى،
ئەي! ئۇيغۇر مىللىتى ئۇنۇتمايلى ۋەتىنىمىزنى.
شۇ تەڭداشسىز گۈزەل ۋەتىنىمىزنى ئېسىمىزدىن ھەرگىز چىقارمايلى!!
(شائىرە ئەمدىلا 12ياشقا كىرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى).