(ئالماس ھاجى)
—ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا:
مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش سەۋەپلىرى:
1. مەلۇمكى، ۋەتىنىمىزنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن – كۈنگە يامانلاشماقتا. خىتتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ زۇلۇمى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. خىتتاي كوممۇنىستلىرى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىزنى جازا لاگىرلىرىغا، تۈرمىلەرگە سولاپ زىيانكەشلىك قىلماقتا ۋە ئۆلتۈرمەكتە. بولۇپمۇ، مىللىتىمىزنىڭ ھەر ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن سەرخىللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، كۆزدىن يوقۇتۇلماقتا، مىللىتىمىزنىڭ ئومۇرتقىسى ئېزىپ تاشلانماقتا . دىنىمىزنى، تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ، ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى چەكلەش، يوقۇتۇش، خىتتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى كۈندىن – كۈنگە تېزلەتمەكتە. نۆۋەتتە مىللىتىمىز ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. بۇ ھال بىزدىن ئۆزئارا ئىتتىپاق بولۇشنى، تەشكىلاتلىرىمىزدىن ھەمكارلىشىپ خەلقئارالىق بىرلىك سەپ تۈزۈشنى، جىددى پەيىتلەردە باش قوشۇپ، پۇختا تۈزۈلگەن پىلان بىلەن بىر – بىرىگە ماسلاشقان ھالدا تەڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.
2. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى شارائىت ۋە ئىمكانىيەت ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارماقتا. گەرچە بەزى تەشكىلاتلار رايون خاراكتىرلىق بىرلىك سەپ ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، زۆرۈر تېپىلغان جىددى پەيتلەردە دۆلەتلەر ئارا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئىجرائىتى، خۇلاسە كونتىرۇللىقى بولمىغانلىغى ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىدە قەدەملىرىمىز بىردەك بولمايۋاتىدۇ ، ئاۋازىمىز تەسىر كۆرسەتكىدەك كۈچلۈك چىقماۋاتىدۇ. جىددى پەيتلەردە بىر – بىرىگە ئاۋاز قوشمايۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز، بىر قېتىملىق پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىشى دەۋا ئىشىمىزنى قانچە ئون يىل ئارقىغا سۈرۈۋېتىشى مۈمكىن. تارىخى ساۋاقلار بۇنى ئىسپاتلىدى. نۇرغۇن جەھەتلەردە ئاجىزلىقىمىز بىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېھتىياجلىق. بۇ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە پۇرسەتنى بىلىش ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. بەزىدە ئاجىزلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۈچلۈكلەردىن غالىپ كىلىدۇ . ھازىر كۆز ئالدىمىزدىكى مۇھىم مەسىلە دۇنيا خەلقىنىڭ ياردىمى بىلەن خەلقئارالىق دېپلوماتىك بىسىم، جازالاش ۋە چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىتتاينى جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلاش. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە پۇختا تەييارلانغان سىتىراتېگىيلىك پىلان ۋە ھالقىلىق مەزگىللەرگە توغرىلانغان دۇنيا خاراكتىرلىك ھەرىكەت پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئىجرائىتى، خۇلاسىسى بولۇش لازىم. بىر قانچە تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ ئىشلارنى ھۆددىلەش قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا، تەشكىلاتلار يۈنىلىشى بىردەك تۇرۇپ، ئايرىم كۆز قاراشتىكى پەرقلەر تۈپەيلى بىر يەرگە كېلەلمەيدىغان، بىر – بىرىگە زەربە بېرىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە چەك قويۇش لازىم. “بىردىن – بىر نوپۇزلۇق ئورگان”، “مەركىزى تەشكىلات”،”دۇنيا خاراكتىرلىك تەشكىلات”- دېگەندەك ئۆز ئەمىلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆز قاراشلارنى تاشلاپ، ھەممە تەشكىلاتلار ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا، ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، پاراللىل يوللار بىلەن ئورتاق نىشانغا ماڭالايدىغان بىرلىك سەپ تۈزۈپ، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان، ئۆز ئەھۋالىمىزغا ماس كېلىدىغان يېڭى بىر سېستىما ھاسىل قىلىشىمىز لازىم ۋە بۇ ئارقىلىق كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىدىغان ئادالەت ۋە باراۋەرلىك پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېچىلاڭغۇ ، تارقاق، زىددىيەتلىك ھالەتكە خاتىمە بېرىش زۆرۈر. دېمەك، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ھەرقايسي دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلاشقان ئاساستا دۇنياۋى بىرلىك سەپ تۈزۈشنى تەلەپ قىلماقتا.
.3 قارشىمىزدىكى دۈشمەن بىزدىن ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك، رەھمىسىزلىكتە چېكىدىن ئاشقان، ھېلىگەرلىك ۋە نەيرەڭۋازلىقتا ئۇچىغا چىققان، ناھايىتى پۇختا پىلانلار بىلەن ئىش قىلىدىغان ئۈستۈنلۈككە ئىگە. يىللاردىن بېرى كۆكىمىزنى قىرقىپ، قىرقىپ بولۇپ ئازراق دەم بېرىپ، ياخشىچاق بولۇپ كەلدى. شۇڭا ئارىمىزدىكى خېلى كۆپ كىشىلەر “بۇ دولقۇن ئۆتۈپ كەتسە، ۋەزىيەت ياخشى بولۇپ قالىدۇ،” دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدى ۋە بۇنىڭغا كۈنۈپ قالدى. بىراق،خىتتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ناھايىتى پۇختا تۈزۈلگەن ئۇزۇن يىللىق پىلانلار ئاساسىدا يولغا قويۇلغان، ئۇنىڭ ياۋۇز تەبىئىتى، مۇستەملىكە سىياسىتى ئۆزگەرمەستۇر. مەقسىدى: شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈككە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، بۇ زېمىندىن بىزنى يوقۇتۇشتۇر. بىز بۇ كۈچلۈك، ھېلىگەر دۈشمەننى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىل مەقسىدىنى توغرا تونۇشىمىز بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنى ھەم توغرا تونۇشىمىز لازىم. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تارقاق، زىددىيەتلىك، تايانچىسىز، ھىمايىسىز ۋە جامائەتسىز، تەشكىلاتچانلىغىمىز ئاجىز ھالەتتە ئوخشىمىغان شارائىتتا تۇرۇۋاتىمىز. بۇنداق ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ كۈچلۈك دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن خەلقئارادا دۈشمىنىمىزگە بېسىم ۋە كۈچ ئىشلىتەلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ھال بىزدىن دۇنياۋى خاراكتىرلىك قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، دۇنياۋى خاراكتىرلىك بىرلىك سەپ تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
دېمەك، ۋەتەننىڭ خەۋپلىك ۋەزىيىتى، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ تارقاق ھالىتى، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئاجىزلىقىلىرىمىز بىزدىن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە يېڭى بۇرۇلۇش،ي ېڭى يۈكسۈلۈشنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان يېڭى سىستېما بارلىققا كەلتۈرۈشنى، دۇنياۋى خاراكتىرلىك مۇكەممەل قۇرۇلما يېتەكچىلىگىدە كۈرەش قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا .
شۇڭلاشقا، تەشكىلاتلىرىمىز ھازىرقى يەككە گەۋدىلىنىش ۋە ھەركىم ئۆزى بىلگەننى قىلىشتەك ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا، ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان بىر يېڭى سىستېما — شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئالىي كېڭەش (قىسقارتىپ: شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشى،ش ت ئا،SHTA) سىستىېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش زۆرۈر. بۇنداق ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىرلىشىش كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىگى بىلەن يېڭى ھاياتى كۈچنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇم ئېتىراپ قىلغان يېڭى قۇرۇلمىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ۋەزىيىتىمىزدە يېڭى بۇرۇلۇش، يېڭى يۈكسۈلۈش بارلىققا كىلىدۇ.
ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئالىي كېڭىشىنى قايسى خىل ئۇسۇلدا تەسىس قىلىش كېرەك؟
1.بۇ ئىشنى قوللايدىغان تەشكىلاتلار، شەخسلەر بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك جامائەت پىكىرى ھازىرلاش، بۇ ھەقتىكى ئىجابى پىكىرلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
2.ئالدى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان تەشكىلاتلاردىن 3تىن 5كىچە تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان تەييارلىق كومىتېتىنى قۇرۇپ، كېڭەش ئېچىلىشتىن بۇرۇن زۆرۈر بولغان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەش لازىم. كېڭەشكە قاتنىشىدىغان نامزاتلار ئالدىن كۆرسۈتۈلگەندىن كېيىن نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتى قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بېكىتىلىشى لازىم. ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەرگە چەك قويماسلىق، بىرمۇ خائىن، جاسۇسلارنىڭ كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پېرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش زۆرۈر.
3. تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ پۈتكەندىن كېيىن، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆلۈمالار، زىيالىيلار، مۇستەقىل پائالىيەتچىلەرنىڭ سايلام بىلەن كۆرسىتىلگەن ۋەكىللىرى قاتناشقان ھالدا يىغىن چاقىرىش ۋە بۇ يىغىندا كېڭەشكەن ھالدا شەرقي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئالىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىنى تەسىس قىلىش؛ ئالىي كېڭەشنىڭ نىزامنامىسىنى ماقۇللاش، شۇ ئاساستا تەشكىلى پىرىنسىپى، خىزمەت تەرتىۋى، قائىدە – تۈزۈملىرىنى بەلگىلەش؛ ئالىي كېڭەش تەشكىلى ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە تەستىقلاش.
4.شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارالىق سىتىراتېگىيىلىك كۈرەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش، ياكى تۈزۈلگەن پىلان بولسا مۇھاكىمە قىلىپ تەستىقلاش.
5.ئالىي كېڭەشكە قاتناشقان تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تۈزگەن خىزمەت پىلانلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ھالدا نۆۋەتتىكى خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈش ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەش، تەقسىم قىلىش؛ ئىجرائىيەت باسقۇچلىرى، خۇلاسە كونتىروللىغىنى تىكلەش.
6.يەنە باشقا مۇھىم نۇقتىلار…
يۇقىرىدا شەخسى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ – قۇۋەتلىشىنى،خ اتالىرىنى تۈزۈتۈپ،كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلىشىنى، بىر – بىرىگە يەتكۈزۈپ كەڭ دائىرىدە جامائەت پىكىرى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى؛ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت ئېتىۋارىغا ئېلىپ، كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت : ئالماس ھاجى
2019 -05 – 13