خىتاي-ھىندىستان ئارىسىدىكى توقۇنۇش كۈچەيمەكتە
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي بىلەن بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە دەتالاشتا تۇرۇۋاتقان دوكلام رايونىدا ئۆز-ئارا تىركىشىپ قالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ بايانلىرىدا سوغۇق شاماللار چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، جۈمە كۈنى خىتاي ۋە ھىندىستان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ گ-20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىكى ئۇچرىشىشىنىڭمۇ جىددىي بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.
ۋاشىنگتون پوچتىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بۇنداق چېگرا سۈركىلىشلىرى ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەتلىكى كەسكىن بولۇپ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ھەتتا قوراللىق توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن.
دوكلام رايونى كىچىك پادىشاھلىق دۆلىتى بولغان بۇتاننىڭ تىبەت بىلەن تۇتىشىدىغان رايونى بولۇپ، بۇ رايوننىڭ مۇداپىئەسى ھىندىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ كەلگەن. خىتاي تەرەپ مەزكۇر رايوننىڭ 1890-يىلى بىرىتانىيە بىلەن ئىمزالانغان بىر كېلىشىمگە ئاساسەن خىتايغا تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما بۇتان ۋە ھىندىستان ھەر ئىككىلىسى بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاينىڭ بۇ زېمىندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلىشىدىكى سەۋەبنى بۇ يەرنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.
ئالدىنقى كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ھىندىستاننى تەھدىت قىلغان ئاھاڭدا « تىنچلىقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھىندىستان ئارمىيىسى مەزكۇر تەۋەلىكتىن چېكىنىش كېرەك» دېگەن ئەمما، ھىندىستانمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن ھىندىستاننىڭ 1962-يىلدىكى ھىندىستان ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
ھىندىستان بىلەن خىتاي ئاقسايچىن، ئارۇناچال شتاتىدىكى تاۋاڭ رايونىدىمۇ ئىگىلىك ھوقۇق تالىشىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 1962-يىلى ئۇرۇش يۈز بەرگەن ئىدى.