خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى 5000 مەمۇرنى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئەۋەتمەكچى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدا «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش، سۈپىتى ‹‹قۇرۇلما خاراكتېرلىك تۆۋەن بولۇش›› قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنتايىن ئېغىر دەپ قاراپ، بۇ يىل جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 4387 يېزىسىدا «قوش تىل يەسلىسى»نى يېڭىدىن سېلىپ ۋە كېڭەيتىپ،ئۈچ يىللىق ھەقسىز ئوقۇتۇشنى باشلىغان. يەسلىگە كىرگەن بالىلارنىڭ سانىنى 1 مىليون 128 مىڭ 900 گە يەتكۈزگەن بولۇپ، خىتتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۇزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگەللىشىمىزچە، شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىل 9 – ئايدا، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان 3000 مەمۇر، 2000 ئوقۇتقۇچىنى جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىغا بىر يىللىق « يەسلى قوش تىل مائارىپى» غا ياردەمگە ئەۋەتىدىكەن. بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىغا ئەۋەتىلىدىغان مەمۇر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، ئاساسلىق خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ، يەرلەشمەكچى بولغان خىتتايلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.