ئۆز خەۋرىمىز:
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىزدىن سايرامنىڭ خەۋەر قىلىشچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيسى گۇلباغ يېزىسى ئەگتىرەك كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 73ياشلىق ئابابەكرى سايىتنىيازنى 17يىلنىڭ ئالدىدا يېزىدا سىكرىتارلىك قىلىۋاتقان ۋاقىتتا «تالىپلارنى مەخپى تەربىيلەشتە ئورۇن ھازىرلاپ بەرگەن» دەپ جىنايەت ئارتىپ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى قولغا ئالغان ھەمدە بىر يېرىم يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلغان.
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئائىلىسىگە جەسىتىنى تاشلاپ بېرىپ، خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا دەپنە قىلغان.
ئىگەللىشىمىزچە، ئابابەكرى سايىتنىياز خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق ئۇرۇپ، قىيناشلىرى سەۋەپلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.
مەلۇم بولىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا بۇ خىلدىكى بوھتانلار بىلەن تۇتۇلۇپ تۇرمىلەردە ئۆلتۈرۇلگەن كىشىلەرنىڭ سانى نەچچە مىڭغا يېتىدىكەن.
مەنبە: ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى