خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مىسىردىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر توختىماي ئاشكارىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆز تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مىسىردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلغان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «مىسىردىكى خىتاي پۇقرالىرى چوقۇم ۋەزىيەتنى ياخشى كۆزىتىشى، مىسىرنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىپ، يېنىدا چوقۇم كىملىك ماتېرىياللىرىنى تولۇق ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك. ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىپ، جىددىي ئەھۋال كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئامال بار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا، ئادەم جىق، سەزگۈر ئورۇنلارغا بارماسلىقى كېرەك» .
تۈنۈگۈن خىتاينىڭ مىسىر ئەلچىخانىسى ئۆز تور بېتىدە، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىگە قارىتا تۇنجى قېتىم ئىزاھات خاراكتېرلىك بىر ئۇچۇرنى ئېلان قىلغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالى ۋە ئۇنىڭغا ئەلچىخانىنىڭ جاۋابى شەكلىدە بېرىلگەن ئۇچۇردا، شىنخۇا مۇخبىرى ئەلچىخانىدىن يېقىندا مىسىردىكى بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا قارىتا كۆز قارىشىنى سورىغان. ئەلچىخانا خادىمى تۇتقۇننىڭ سەۋەبىنى مىسىر ۋەزىيىتىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، دىققەت قىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان مىسىردىكى ئالاقىدار ئورگانلار، مىسىردا تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى ۋە بىر قىسىم چەتئەللىكلەرنى تۇتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇقلارمۇ بار ئىكەن، دەپ جاۋاب قايتۇرغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەركىتى ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئويلىغان مەقسەتكە يېتەلمەي ئەكسىچە ئەرەب دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسلىسى دۇنيادا كۈن تەرتىپكە كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
كۈزەتچىلەر بۇ خىل پەيىتتە بارلىق تەشكىلاتلار كۈچنى مەركەزلەشتۇرۇپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، بايانات نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مىسىردىكى تۇتقۇنغا شائىت بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئۇستازلارنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق پاسپورت ۋە ئىقامەت بىلەن تۇرۇقلۇق تۇتقۇن قىلىنشقا ئۇچۇرغانلىقىدەك ھەقىقەتنى دۇنياغا ئاشكارا قىلىش، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرنىڭ ئۆز قىلمىشىنى يالغانغا چىقىرىۋاتقان ۋاقىتتا دەلىل پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ يالغانچى تاجاۋۇزچىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارا قىلىش ئىجتمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرى بولغان تېۋىتتىر، فېسبوك، ۋاتساپ قاتارلىق ۋاستىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ دۇنيادىكى ھەر قايسى تەشكىلات ، كوللىكتىپ ھالدا تەڭ ھەركەت قىلغاندا مىسىردا تۇتقۇن بولۇپ تۇرۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى، ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.