خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ساقچىلىققا ئۇيغۇر تاپالمايۋاتىدۇ
ئۇيغۇر نىداسى تور راىئوسى خەۋىرى:
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلىرىدە زور كۆلەمدە ساقچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.
ياردەمچى ساقچى، ئالاھىدە ساقچى، چارلاش خادىمى ياكى بىخەتەرلىك خادىمى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە ئېلانلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بەتلىرىنى قاپلىغان.
ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن ناھىيىلەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ سۈرۈكىنى ئۇزارتقان بولۇپ، ساقچىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى توشمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت 7-ئاينىڭ 15-كۈنى جەمئىيەتتىن 30 نەپەر چارلاش ساقچىسى، 269 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى ۋە 300 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلتىماس قىلغۇچىلار يېتەرلىك بولمىغان. ئۇلار ئامالسىز ئىككىنچى قېتىم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىلتىماس قىلىش مۇددىتىنى تاكى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئۇزارتقان.
ئاۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەتمۇ ئالدىنقى ئايدا نەچچە يۈزلىگەن ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلتىماس قىلغۇچىلار يېتەرلىك بولمىغان. ئۇلار ئامالسىز ئىككىنچى قېتىم قايتا ئېلان چىقىرىپ، ساقچى قوبۇل قىلىشتىكى بىر قىسىم شەرتلەرنى تۆۋەنلەتكەن.
دېمەك، خەلقىمىز خىتاي تاجاۇۋزچىلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ياخشى بىلگەچكە، ئازراق مۇئاشنى دەپ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ۋىجدان، غورۇرىنى سېتىشنى خالىمىغانلىقىنى، ئاز بىر قىسىم خىتاينىڭ يۈندىسىنى ئىچكەنلەردىن باشقا خەلقىغە زۈلۇم سېلىۋاتقانلار تارىخ بەتلىرىگە مۇناپىق تامغىسىنى قالدۇردۇ ھەمدە ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۇك ئازاپقا دۇچار بولىدۇ.