خىتتاينىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىلمىشلىرى ئاشكارا بولماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن، چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان جاسوسلۇق ھەركەتلىرى يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلغا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ رايوندىكى جاسۇسلۇق خىزمەت سالمىقىنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىتتاينىڭ جېنىنىڭ بارىچە تىركىشىۋاتقانلىقى پىدائىيلىرىمىز تەرىپىدىن ئاشكارە قىلىنماقتا. پىدائىيلىرىمىزنىڭ رادىئومىزغا كەلگەن پاش قىلىش تېلېفونلىرىغا ئاساسەن، بىز خىتتاينىڭ چەتئەللەردىكى جاسوسلۇق خىزمەت تۈرلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىدۇق:
- مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇرۇق – تۇققانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسوسلۇق قىلىشقا زورلاش؛
- مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونلىرىغا ۋىروسلۇق ئۇچۇرلارنى يوللاش ئارقىلىق تېلېفونلىرىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويۇش ياكى بولمىسا ئۇچۇرلىرىنى ئوغۇرلاش؛
- خىتتاينىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك جاسوسلۇق قورالى بولغان ئۈندىداردىن پايدىلىنىپ، چەتئەللەردە ئۈندىدار ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونىدىكى ئالاقە ئۇچۇرلارنى توپلاش؛
- تۈركىيەدە « ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىرلەشمىسى»، «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى»، « مۇھاجىرەتتىكى ئاياللار بىرلەشمىسى» قاتارلىق ئورۇنلارنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىنى بوياش ۋە ئۇلار بىلەن دەۋا سېپىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ۋە پارچىلاش؛
- خىتتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بىر قىسىم مىللىتىدىن تانغان غالچىلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتتايغا ئىشلەشكە، ئۇچۇر بېرىشكە زورلاش ۋە قورقۇتۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىش؛
- شەرقىي تۈركىستاندىن، بىر قىسىم داشقاللارنى مۇئاشلىق قىلىپ تۈركىيەگە ئەكىلىپ يەرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى بۇ دۆلەتتە، دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولغان ئوغرى – يانچۇقچىلىق، بۇلاڭچىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ – سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلدۇرۇپ، قەستەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش؛
- تۈركىيەدىكى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايدىغان، پارتىيە – تەشكىلاتلارنىڭ، بەزى ئاكتىپ ئەزالىرىنى پايدىغا مايىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ قولى بىلەن، ئۇيغۇرلارنى تېرورچى، بۆلگۈنچى قىلىپ كۆرسىتىش؛
- ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تۈركلەرگە، تۈركلەرنى ئۇيغۇرلارغا سەت كۆرسىتىش، يالغان گەپ – سۆز، پىتنە – پاساتلارنى تارقىتىش ئارقىلىق ئارىغا سوغۇچىلىق سېلىشنى كەڭرى قانات يايدۇرۇش؛
- شەرقىي تۈركىستاندا مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇر شاتۇتلارنى، تۈركىيەدە ئىشقا سېلىپ، ھەر يەردە « خىتتايدا ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم يوق… » سۆزلىتىپ تەشۋىق ئېلىپ بېرىش؛
- دۇنيادىكى ھەر قايسى تەشكىلاتلاردىن ئۇيغۇر جامائىتىنى يىراقلاشتۇرۇش، ئۆز – ئارا بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان پىتنە – پاساتلارنى تارقىتىپ، خەلقنى باشسىز، تەشكىلاتنى جامائەتسىز قىلىپ، يېتىم قالدۇرۇش ئارقىلىق رەزىل مەقسىتىگە يېتىش؛
بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ھىيلە – مىكىر، سۈيقەستلىرىگە قارىتا ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، دۈشمىنىنى ئېنىق تونۇپ ئۆزىنى قوغداشنى بىلىشىنى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقۇپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، ئاللاھقا سېغىنىپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە، ماس قەدەمدە ھەركەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.