خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يەنە بىر جاسۇسلۇق قورالى ئاشكارا بولدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى، ئۆزىگە قارشى بولغان سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنى تەقىپ قىلىش، ھەمدە چەت ئەللەردىن ئۆزلىرىگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى ئوغۇرلاش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاقە قورالى بولغان يان تېلېفونلىرىغا «جاسۇس»يۇمشاق دېتاللىرىنى تارقىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ئوغۇرلاش ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ھەتتا نورمال ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسىنى كونتورول قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «ئۈندىدار» يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەنە شۇنداق «جاسۇس»لۇق قورالى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئامېرىكا ۋە روسىيەدەك دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەنلىكى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتمەيدىغان بولدى.
يېقىندا تورلاردا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا، خىتتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان ياكى تورلادىن ھەقسىز تېلېفونلارغا چۈشۈرۈۋالىدىغان خىتتايچە يېزىق كىرگۈزۈش دېتالىنىڭمۇ خۇددى «ئۈندىدار»غا ئوخشاش ئورۇن بەلگىلەش، تېلېفوندىكى ئۇچۇرلارنى ئېلىپ يوللاش قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكى، بۇنى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىۋاستە كونتورول قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. تېلېفونلىرىغا خىتتايچە يېزىق چۈشۈرىدىغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
يېقىندا يەنە، ئامېرىكىدا تۇرۇپ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارا قىلىۋاتقان، سودىگەر خىتتاي گو ۋېنگۈينىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا زېمىنىدا، ما جيەن(خىتتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى)نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، خىتتاينىڭ رازۋېدچىكلار شىركىتى ( T & M )، يان تېلېفوندا ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسىنى ئارقىلىق، رابىيە قادىر خانىم ۋە ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەرنىڭ تېلېفونىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلغانلىقىنى ئاشكارا قىلغان.