خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى دىننى تۈس ئالغان ئىسىملارنى چەكلەش ھۆججىتىنى تارقاتتى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقالغان ئۇچۇرلاردا ئاشكارا بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، دىنى تۈس ئالغان ئىسىملارنى چەكلەشكە ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ 《2017》4425 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنى تارقاتقان.
ھۆججەت مەزمۇنىدا مۇنداق دېيىلگەن:«كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىش بېجىرىش، ئۇقۇش، خىزمەت ئىشلىرىغا تېخىمۇ قۇلايلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بۇ ھۆججەتنى تارقاتتۇق. دىنى تۈس ئالغان تۆۋەندىكىدەك ئىسىملارنى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ 《2017》4425 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن خەلق ئاممىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتىشنى ئۇقتۇرىمىز .
ئىسىملار تۆۋەندىكىچە :مۇجاھىت ،جىھات ،ئابدۇ پەتتار، ئەبىلغازى، ئەزھەر، ئەسەدۇللا، ئەمىرۇللا، ئەمىردىن ، ئەپرۇللا ، ئەكبەر ، غازاد، تۈركىزات، ئەبۇبەكرى ، ئابابەكرى، مۇسلىمە، مۇخلىسە، ئەرەفات، ھاجى ، غوجا، خۇدابەردى ، تۈركىناي ،مۇجايدۇللا، قاتارلىق ئىسىملارنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىغا كىرىپ رەسمىيەت ئۆتەپ ئۆزگەرتىۋېتىشنى تەلەپ قىلىمىز. 4425 – نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن يەنە بۇندىن كىيىن يۇقىرىقىدەك ئىسىملار قۇيۇلغان يېڭى تۇغۇلغان بالىلار بىردەك نوپۇسقا ئېلىنمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا كىرىپ ئىسىم ئۆزگەرتكەندىن كىيىن نوپۇسقا ئېلىنىدۇ . ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئىسمى بار ئىشچى -خىزمەتچىلەر ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولسا ئۆزى قاراشلىق ئۇرۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ كادىرلار ئىدارىسىدىكى ئارخىپنى ئۆزگەرتىۋېلشىنى ئەسكەرتىمىز»دېيىلگەن.
شەرقىي تۈركىستاندا بۇ خىلدىكى ئىسىملارنى چەكلەش 2014-يىلدىن باشلانغان بولسىمۇ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە« 4425 – نومۇرلۇق»ھۆججەتنى چىقىرىپ دىنى ئىسىملارنى ئۆزگەرتىشنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ھەمدە خەلقئارالىق ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان دىنى زىيانكەشلىكلىرىنى ئەيىپلەشتە دەلىل ئىسپاتلىق پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئالدىنقى ئايدا چىققان شەرقىي تۈركىستاندا «مۇھەممەت»ئىسمىنىڭ چەكلىنىشى ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىنىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىلىرىنى ئوسال ئەھۋالغا دۇچار قىلغان ئىدى.