خىتاينىڭ «جوڭشىن گۇرۇھى» ۋەيران بولۇش گىردابىغا كەلگەن
ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بولغان «جوڭشىن شىركىتى» بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
«فوربېس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «جوڭشىن شېركىتى» نىڭ ۋەيران بولۇشقا يۈز تۇتۇشىنىڭ سەۋەبى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ جازا تەدبىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4-ئايدا قارار چىقىرىپ، ئامېرىكىدىكى قاتتىق دېتال ۋە يۇمتال ئىشلەپچىقىرىدىغان بارلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنى 7 يىل مۇددەت بويىچە «جۇڭشىن شىركىتى» گە مال سېتىشتىن چەكلىگەن ئىدى. «جۇڭشىن شىركىتى» گەرچە 160 دۆلەتتە تىجارەت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىچىدىكى ئىنچىكە زاپچاسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئائىت بولغاچقا شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان.
«جوڭشىن شىركىتى» ۋە شۇنداقلا خىتتايدىكى يەنە بىر چوڭ كۆچمە ئالاقە شىركىتى بولغان «خۇاۋېي گۇرۇھى» بىلەن بىرلىكتە خىتتايدىكى «يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت مېخانىزمى» نىڭ ئومۇملىشىشىدا چوڭ رول ئوينىغان، دەپ تەنقىدلىنىپ كەلگەن. بۇلاردىن «جوڭشىن گۇرۇھى» ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان تېخنىكىلارنى 2017-يىلى قانۇنسىز يوسۇندا ئىران ۋە شىمالىي كورېيەگە ئېكسپورت قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي كەلگەن.
يۇقىرىقى بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقى ۋە چەتئەللەردىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە شېرىك بولۇۋاتقانلىقى گۇمانى سەۋەبلىك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالار يۇقىرىقى بۇ شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان تېلېفون ۋە باشقا ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى چارشەنبە كۈنى خىتتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ خېنىڭ ئامېرىكىغا سودا مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگىلى كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇق بۈگۈن خىتتاينىڭ سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «ئامېرىكا خىتتايغا تەھدىت قىلىشنى توختىتىشى كېرەك. خىتتاينىڭ مەيدانى ھەرگىز تەۋرىمەيدۇ،» دېگەن.
بىراق، «فوربېس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «جوڭشىن شىركىتى» نىڭ ئاقىۋىتى ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىتتاينى ئۆزىنىڭ شەرتلىرىگە كۆندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى بىر كوزىر بولىدىكەن ۋە ترامپ ھەرگىز قويغان تەلەپلىرىدىن چېكىنمەيدىكەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «خۇاۋېي شىركىتى» گىمۇ ئوخشاش چەكلىمە قويسا، ئۇنىڭمۇ «جۇڭشىن شىركىتى» بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.