خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇش قىلىشتىن قورقتى
ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2-مارت كۈنى «سودا ئۇرۇشى بىز ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق. يەنە كېلىپ ئۇنىڭدا بىزنىڭ ئۇتۇشىمىز ئويۇننىڭ ئورنىدىكى بىر ئىش» دەپ جاكارلاش بىلەن بىرگە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات ماتېرىياللىرىغا 25 پىرسەنت، ئاليۇمىن ماتېرىياللىرىغا 10 پىرسەنت ئىمپورت بېجى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
-4مارت كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
CNBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئورۇنباسار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ يېسۇي بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، «خىتاي ھېچقاچان ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسا قاراپمۇ ئولتۇرمايدۇ» دېگەن. «ۋال سىترېت ژۇرنىلى»نىڭ بۈگۈنكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ يېسۇي ئۆزلىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاق ساراي بىلەن مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئاق ساراي «بۇنداق بىر سۆھبەتنىڭ بولىدىغانلىقىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق ئىكەن» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى تېمىسى ئۆتكەن يىلدىن بۇيان قىزىق مۇھاكىمە نۇقتىلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركەتلەردىن بولغان «كۆۋرۈك سۈيى بىرلەشمىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى راي داليو 5-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە بۇ توغرىلىق پىكىر بايان قىلىپ «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىدىن ساقلىنىش تامامەن مۇمكىن. لېكىن بۇ ئۇرۇش راستىنلا پارتلىسا، ئۇ ھالدا بۇ تراگېدىيە بولىدۇ» دېگەن.