خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىبراھىم قۇرباننى تۈرمىدە شېھىت قىلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
2016 – يىلى 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، ئۈرۈمچىدىن تۈركىيەگە چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىبراھىم قۇربان بىلەن ئابدۇرېھىم روزى ئۈرۈمچى بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى ئىتلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 3 كۈندىن كېيىن ئۇلار نوپۇسى تۇرۇشلۇق قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيىسىگە يۆتكەلگەن. ئىبراھىم قۇربان بىلەن ئابدۇرېھىم روزى يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى قاماقخانىغا يۆتكەنلگەندىن كېيىن، شۇ يەردىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ئەمەت ئوبۇل تەرىپىدىن، قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ سوراق قىلىنىپ، ئىبراھىم قۇربان سوراق جەريانىدا شېىھىت قىلىنغان، ئابدۇرېھىم روزىنىڭ پۇت قوللىرى سۇندۇرۋۋېتىلگەن. ۋە ئابدۇرېھىم روزى 10يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئىبراھىم قۇرباننىڭ جەسىدى ئائىلىسىگە بېرىلمەي، خىتتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن كۆمۈۋېتىلگەن.
ئىبراھىم قۇربان ئۈرۈمچىدە كىيىم – كېچەك تىكىش فابرىكىسى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب – شىمالىغا توپ تارقىتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىيىم –كېچەكتىكى ئېھتىياجىنى قامداپ كېلىۋاتقان بىر تىجارەتچى ئىكەن. ئۇ شېھىت قىلىنغاندا 32 ياشتا ئىكەن.