خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان چېگرىسىغا تىكەنلىك ئورالما سىم توساق توسۇشقا باشلىغان
ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان چېگرا لىنىيەسىدىكى تۈزلەڭلىك جايلارغا تىكەنلىك ئورالما سىم توسۇق تارتقان.
خىتتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تارقاتقان رەسىملىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىكەنلىك ئورالما سىم توسۇقنىڭ ئېگىزلىكى ئاز دېگەندە 3 مېتىر كېلىدۇ. بۇ خىل سىم توسۇقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ 5 مىڭ كىلومېتىرلىق چېگراسىدىكى پۈتۈن تۈزلەڭلىك دالالارغا ياكى ئۇنىڭ پەقەت قازاقىستان چېگراسىغىلا تارتىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
خىتتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 20-فېۋرال تارقاتقان رەسىملىك خەۋىرىدە، چاپچال ناھىيەسىنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان چېگراسىغا تارتىلغان 3 قەۋەتلىك تىكەنلىك ئورالما سىم توسۇقنىڭ سۈرەتلىرى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە، خىتتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ چاغاندا يەرلىك دېھقانلار بىلەن سىم توسۇقنى بويلاپ ئاتلىق تىنتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان چېگراسىدىكى بەزى تۈزلەڭلىك دالالار بۇرۇندىنلا سىم توسۇق بىلەن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سىم توسۇقلار 2 ياكى 3 قۇر تىكەنلىك يالاڭ سىم بىلەن ئايرىلغان بولۇپ، ھازىرقىدەك شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە چېگراسىنى ئەسلىتىدىغان ئۇنداق ھەم ئېگىز ھەم قېلىن تىكەنلىك ئورالما سىم بىلەن ئايرىلىپ باقمىغان ئىدى. خەۋەردە، مەزكۇر سىم توسۇقنىڭ قاچان ئورنىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما خىتتاي قانخورى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 3-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندا «پولات سەددىچىن» قۇرۇپ، بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن.
قورچاق شۆھرەت زاكىر تېخى يېقىندىلا شەرقىي تۈركىستان چېگراسىغا «بىخەتەرلىك تېمى» قۇرۇپ، مۇجاھىتلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توسىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۆھرەت زاكىر چېگراغا تام قۇرۇپ، «چېگرا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ھېچقانداق بوشلۇق قويمايمىز» دېگەن ئىدى. لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بىخەتەرلىك تېمى» سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى دۈشمەنلىك ئېڭىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان چېگراسىغا تام قۇرۇشتىكى مەقسىتى چېگرانى قوغداش ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش، شەرقىي تۈركىستانغا ھوجۇم قىلىپ كىرمەكچى بولغان مۇجاھىتلارنىڭ ئالدىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.