خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەگە يېتىپ كەلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
سۈرىيە گېزىتىنىڭ 29 – نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى سۈرىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەگە يېتىپ كەلگەن.
خىتتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «سيبىرىيا يولۋاسلىرى» ۋە «كېچە يولۋاسلىرى» دىن ئىبارەت ئىككى بىرگادىسىنى سۈرىيەگە ئەۋەتكەن.
خىتتاي قىسىملىرى سۈرىيەگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن، خىتتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكى «تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى» نىڭ ئىدلىب ئۆلكىسىدىكى ئەسكىرى كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بۇلار بىزگە نىسبەتەن تەھدىت دەپ ئوچۇقلىدى.
بەشەر ھاكىمىيىتى باش ئىجرائىيە مۇستەشارى بەسىنە شائبان 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى بۇ مەسىلە ھەققىدە «خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قوماندانلىرى بىلەن بىللە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق» دېدى .
ھازىر سۈرىيەدە خىتتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بەشەر ھۆكۈمەت ئارمىيىسى «تۈركىستان ئىسلام پارتىيسىگە قارشى» ئورتاق ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.
«تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» بولسا سۈرىيەدىكى جىھادىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن ھېسابلىنىدۇ.
بۇ پارتىيە، ئەزالىرىنى خىتتاي دۆلىتىگە قاراشلىق شەرقىي تۈركىستان رايۇنىدىن قۇشىدىكەن.
شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولسا بېيجىڭ ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن داۋاملىق تۈردە ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەمدى بىز ئىدلىب شەھىرىدە «خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان جەڭلەرگە شاھىد بۇلامىزمۇ؟» دېيىلگەن.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 2015 – يىلدىكى خەۋەرلىرىدە، سۈرىيەگە 5000 خىتتاي ئەسكىرىنى ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىپ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىدىن بۇرۇن، ئاۋۋال قول سېلىپ سۈرىيەدە بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان ئىدى، ۋە ھازىرغىچە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بەشەر ئەسەدكە قورال – ياراق، ئوق – دورا، ئارقا سەپ تەمىناتى، ئۇچۇر ئالاقە ۋە ئالاھىدە رازۋېتكا گۇرۇپپىسى قاتارلىق تەرەپلەردە ياردەم قىلىپ كەلگەن ئىدى.
بىز جەھەننەمگە ئالدىرىغان خىتتاي ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيە تۇپراقلىرىدا مازارلىققا ئايلىنىشىنى تىلەيمىز، ھەمدە جەڭنىڭ باشلىنىشى بىلەن خەۋەر قىلىشقا تىرىشىمىز.