خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق باستۇرۇشنى 5يىل داۋام قىلىدىكەن
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 22 – يانۋار ئېچىلغان يىغىنىدا، قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017 – يىلى ئېلىپ بېرىلغان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە 5 يىل داۋاملىشىشى كېرەكلىگى تەكىتلەنگەن.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆتكەن يىلى، شەرقىي تۈركىستاندا مىسلى كۆرۈلمىگەن باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قامال قىلغان، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ خېلى زور بىر قىسمىنى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە قاماق قىلىۋالغان ئىدى.
يېقىندا ئېچىلغان 13 – نوۋەتلىك قۇرۇلتايدا بېرىلگەن خىزمەت دوكلاتىدا، تېرورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك خەۋپىدىن، شەرقىي تۈركىستانننىڭ باستۇرۇشنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۆھرەت زاكىر،«2017 -يىلى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتتى» دېگەن. خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئامانلىق تەدبىرلىرى يېقىندىن بېرى خەلقئارا ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتتاينىڭ ئامانلىق تەدبىرلىرى قانۇنسىز ۋە خەتەرلىك بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا ئىكەن.
خىتتاي ئاخباراتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۆھرەت زاكىرنىڭ 22 – يانۋار كۈنى بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت كەلگۈسى 5 يىلنى، ھەممىدىن مۇھىم خىزمەت نىشانى قىلىشى شەرت» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «ھۆكۈمەت بۇ نىشانغا يېتىشتە، ھالقىلىق رايونلارنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرلىك بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىشتەك ئالاھىدە ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» مەلۇم بولغان.