ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
يېقىندا «خەلقئارا كىرزىس گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مۇستەقىل ئىستراتىگىيە تەتقىقات ئورگىنى خىتتاينىڭ نۆۋەتتە تاجىكىستان تەرەپكە قوشۇن يۆتكەش ئارقىلىق ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى بۇ تەتقىقات ئورگىنى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتتاينىڭ نۆۋەتتە تاجىكىستان – ئافغانىستان ۋە خىتتايدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت چېگراسىغا يېقىن جايغا ئەسكەر يۆتكەپ، ئۇ يەرگە «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى» قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭدا يەنە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق قوشنا ئافغانىستاندىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تېخى يۇقىرىدىكى بۇ خەۋەرنىڭ راست ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.
بۇ يىل يانۋاردا رۇسىيە تاراتقۇلىرى بىر خەۋەر تارقىتىپ، خىتتاينىڭ ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چېگرىداش بولغان بەدەخشان ئۆلكىسىدە ئافغانىستان ئارمىيەسى ئۈچۈن ھەربىي بازا قۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە خادىملىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن يېزىلغان خەۋەردە، خىتتاينىڭ بۇ ھەربىي بازىنى سېلىش سەۋەبىمۇ «ئافغانىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك»، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
بۇ خەۋەر ئۆتكەن يىلى 12 – ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئافغانىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بەھرامى خىتتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتتاي مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋاڭچۈەن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنلا ئېلان قىلىنغان ئىدى.
دېمەك، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىش ئېھتىماللىقى بولغان چېگرالارغا ئەسكەر توپلاۋاتقانلىقى مەلۇم.