خىتتاي ئامېرىكىنىڭ باشقا خىتتاي شىركەتلىرىگىمۇ خۇددى تېلېفون تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېگە يۈرگۈزگەندەك ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئادىل ۋە باراۋەر پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرغان جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتتاينىڭ ۋىدېئو كۈزىتىش شىركىتى «Hikvision» غا خۇددى خۇاۋېگە يۈرگۈزگەندەك ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، «يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ قانچىلىغان قېتىم دۆلەت كۈچىنى ئىشلىتىپ خىتتاي قاتارلىق باشقا دۆلەت شىركەتلىرىنى بېسىم ئاستىغا ئېلىشىغا ۋە قارىلىشىغا قارشى ئىكەنلىگىمىزنى بىلدۈردۇق» دېدى.
خىتتاينىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ روشەن ئىكەنلىگىنى ئېيتقان لۇ كاڭ: «بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم تەكىتلمەكچىمىزكى، دۆلەتلەر ئارا سودا ۋە سېلىنما مۇناسىۋەتلىرى ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇشى لازىم» دېدى.
خىتتاي باياناتچىسى لۇ كاڭ خىتتاي شىركەتلىرىنىڭمۇ بازار قائىدىلىرىگە ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىشى كېرەكلىگىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتتاي شىركەتلىرىگە ئادىل بولۇشى ۋە ئايرىمچىلىق قىلماسلىقى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى.
ئامېرىكا ئاخباراتلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتتاينىڭ ۋىدېئو كۈزىتىش شىركىتى «Hikvision» غا خۇددى خۇاۋېگە يۈرگۈزگەندەك ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئېمبارگولار ئارقىلىق «Hikvision» نىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلەرنى سېتىۋېلىشىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭمۇ خىتتاي شىركەتلىرىگە تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەرنى سېتىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىشىنى مەجبۇر ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا – خىتتاي سودا ئۇرۇشى باشلىنىپ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن ئەمدىكى ۋەزىيەتتە دەسلەپكى باسقۇچتا ئىككى دۆلەتنىڭ بىر – بىرسىدىن ئېمپورت قىلىنغان مىلياردلارچە دوللارلىق مەھسۇلاتلارغا قوشۇمچە باج قويۇشنى قارار قىلىشقان بولسا، ئىككىنچى باسقۇچتا بۇ ئۇرۇش ئىككى دۆلەت تېخنىكا شىركەتلىرىگىچە كېڭەيدى.
گوگۇل شىركىتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، گوگۇل شىركىتىنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يول يورۇقلىرىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تەسىرىنى تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
گوگۇل شىركىتىنىڭ باياناتىدا، خۇاۋې ئەسلىھەلىرىنىڭ «Google Play» مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلىگەن تەقدىردىمۇ، بىراق خۇۋېي يان فونلىرىنىڭ «Google Play»، «Google Store»، «Google Mape» ۋە «Gmail» قاتارلىق مۇھىم يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشى چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
خۇاۋېينىڭ قۇرغۇچىسى رىڭ جىڭفېيمۇ تۈنۈگۈن خىتتاي ئاخباراتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېينىڭ كۈچىنى سەل چاغلاپ قالغانلىقىنى ۋە گوگۇل شىركىتىنىڭ قارارىنىڭ «5G» تېخنىكىسىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يانفون تېخنىكىسىنىڭ چىقىمى تېخىمۇ تۆۋەن ئۆزلىرىگە تەۋە مەھسۇلات ئىكەنلىگىنى ئېيتقان ئىدى.
