كېتەرلىك ماتېرىياللار:
ئاق ئۇن: بىر كىلوگرام.
گۆش: 175 گرام.
سۇ يېغى: 140 گرام.
يېسىۋىلەك: 150 گرام.
پەمىدۇر: ئىككى دانە.
سۇڭپىياز: بىر تال.
سامساق: بىر باش.
زەنجىۋل سۈيى، كاۋاۋىچىن سۈيى، ئاچچىقسۇ، پىنتوزا، تۇزلار مۇۋاپىق مىقتاردا سېلىنىدۇ.
ئېتىش ئۇسۇلى:
ياپىلاق لەڭمەن ئىككى خىل بولىدۇ.
1. ئەرجىزە: خېمىرنى پىلتە لەڭمەننىڭ خېمىرىدەك قىلىپ تەييارلاپ، تىنغان پىلتىنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختىنىڭ ئۈستىگە تىزىپ، ئۈستىدىن بېسىپ ياپىلاق قىلىپ، ئىككى تالدىن تۆت تالغىچە پىلتىنى، ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ پىلتە لەڭمەن سوزغاندەك سوزۇپ قازانغا سالىمىز، ياكى بىر تالدىن سوزۇپ ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا ئۈزۈپ – ئۈزۈپ سالسىمۇ بولىدۇ. بەش مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ، شۇ پېتىچە ياكى ئىسسىتىپ تەخسىگە ياكى چىنىگە ئېلىپ، ئۈستىگە ئالاھىدە قورۇلغان قورۇمىنى سالساق بولىدۇ.
2. جۇئەرمەن: پىلتىنى پىلتە لەڭمەننىڭ پىلتىسىدەك ئاشتاختىغا قاتار تىزىپ، ئۈستىدىن بېسىپ ياپىلاق قىلىمىز. 10 – 5 پىلتە بىرلا سوزۇلىدۇ، سوزغاندا كەسمە لەڭمەندەك ياپىلاق، لېكىن تار سوزۇلىدۇ، بۇ جۇئەرمەن دېيىلىدۇ. بۇ لەڭمەنلەر ئۈچۈن يۇقىرىقى پىلتە لەڭمەن ياكى باغلام ئاشنىڭ قورۇملىرىدىن خالىغان بىرىنى تاللاپ قورۇسا بولىدۇ.