ياۋروپادا سىياسىي پاناھلىنىش ئۈچۈن قانداق جەريانلار بېسىپ ئۆتۈلىدۇ؟
ئارتۇچ بۇغرا
يېقىندىن بۇيان ياۋروپاغا سۇرىيە كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان كۆچمەن دولقۇنىغا ئەگىشىپ بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلاردا سىرتنىڭ تەسىرى بىلەن قانداقتۇر ياۋروپاغا كۆچمەن بولۇشقا قىزىقىش سوئاللىرى مەندىن كۆپرەك سورالدى.
مەنمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ياشىغان 7يىللىق ھاياتىمغا ۋە ياۋروپادىكى ھاياتنى كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە يېزىپ ئورتاقلىشىشىنى لايىق كۆرۈپ يېزىشقا تەييارلىق قىلغان بولساممۇ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۈنالمىدىم.
بۈگۈن ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئەمەلىي ئىشلارغا باغلاپ، ئۆزەم شاھىت بولغان بەزى ئىشلارنى بىرلەشتۇرۇپ تۇرۇپ ياۋروپادا پاناھلىق ئىشلىرىنى قانداق بولىدىغانلىقى ۋە بۇ يەردىكى ھاياتنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمەن.
مەن ئالدى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارغا ماس كېلىدىغان سىياسىي پاناھلىق ھەققىدە توختىلىمەن.
سىياسىي پاناھلىق ياۋروپادىكى ئەزا دۆلەتلەردىن 27دۆلەتتىن پەقەت گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، شىۋىتسىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، فىلاندىيەدۇر.
ئەمما بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرتلەر بىلەن قوبۇل قىلىدۇ،پاناھلىق قۇبۇل قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەر گېرمانىيە ۋە شىۋىتسىيە ئەمما بۇلارمۇ ئۆتكەن يىلدىكى كۆچمەنلەر دولقۇنىدىن كېيىن ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزى قانۇنلارنى پارلامىتتا ماقۇللاپ پاناھلىق تىلىگەنلەرگە ۋەتەنداشلىقنى كېچىكتۇرۇشنى قارار قىلدى.
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پاناھلىق ئىلتىماس قىلىش.
پاناھلىق تىلەش جەريانى توۋەندىكىچە : تۈركيەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش مەركىزى ئەنقەرەدە، ئىستانبۇل تەكسىمدە ئۇنىڭ شۆبە ئىشخانىسى بار ئەنقەرەگە بېرىپ شۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ پاناھلىق قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا پاناھلىنىش ئەھۋلىنى يازمىچە يېزىش كېرەك ئىكەن.(تۈرۈكچىنى ياخشى بىلىش كېرەك).
دېمەك، پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچى ئىككىنچى بىر دۆلەتتە تۇرۇپ ئاندىن پاناھلىق ئىلتىماسىنى شۇ يەردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاناھلىق تىلگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىش ئورنىغا بېرىپ پاناھلىقى قوبۇل قىلىنغانلىقى ئەگەر شۇلارنىڭ شەرتىگە توشسا ئاندىن قوبۇل قىلىنىدۇ.
قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن يەنە، ياۋروپا باشلىق ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شۇ دۆلەتتىكى كونسۇللىرىغا پاناھلىق تىلىگۈچى كىشىلەرنىڭ پاناھلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن ئىلتىماسى ئۆچىرىتى بىلەن سۇنۇلىدۇ. پاناھلىق قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش سانىغا ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ.
بۇ خىل پاناھلىق ئىلتىماسىغا ئۈزۈن ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقتىن ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.ئەنقەرەدىكى ئوچىرەتنى 2009-يىلدا 3يىلدىن 5يىلغىچە ساقلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان.
ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن شۇ دۆلەتتە قولىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى بار قەغەزنى ئېلىپ يۈرسە ئۇنىڭدىن ئىقامەت ۋە باشقا رەسمىيەتلەرنى سۈرۈشتە قىلىشقا ھەمدە ئۇ كىشنىڭ ئىككىنچى بىر دۆلەتكە چىقىپ كەتكۈچە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ.(تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمىغان شەرت ئاستىدا).دەپ بەلگىلەنگەن.
- ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە ھەر خىل يوللار بىلەن بېرىۋېلىپ پاناھلىق تىلەش.
بۇ خىل پاناھلىق ئۇسۇلى ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان پاناھلىق ئۇسۇلى ۋە يولى، بۇ يەردە بىز نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلەش يوللىرى ھەققىدە توختىلىمىز.
ئۇيغۇرلار پاسپورتى بارلار ئاساسلىق ئايرۇپىلان بىلەن ئايلىنىپ ئۇچۈش بېلىتىنى ئېلىپ ئاخىرقى بىكەتنى خىتاينىڭ مەلۈم بىر شەھىرىگە قىلىپ ،ياۋروپادىكى مەلۈم دۆلەتتە ئايرۇپىلان ئالماشقاندا پاسپورتىنى تىقىۋېتىپ «مەن سىياسىي پاناھلىق تىلەيمەن»دەپ ئايدۇرۇم ساقچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالىنى ئېيتىش. ئاندىن شۇ دۆلەتنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئاپىرىپ شۇ يەردىكى خادىملار تەرىپىدىن پاناھلىقنى نېمە سەۋەپتىن پاناھلىق ئىلتىماس قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن قانداق جازاغا ۋە ياكى تۈرمىگە، ھاياتى خەۋپكە قانداق دۇچار بولغانلىقى، نېمە سەۋەپتىن قانداق قېچىپ چىققانلىقى، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن خىتاينىڭ بېسىمى ، تۇتقۇن قىلىشى، يۈرگۈزگەن جازالارنى ئېنىق تەپسىلى يىل، ئاي، كۈنلىرى بىلەن باغلاپ تەپسىلى ئاڭلىتىش توغرا كېلىدۇ.
شۇنداق گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم، ياۋروپاغا بېرىپ « ئۇيغۇر» دېسەڭ بولدى سېنى گەپ سۆز قىلماي قوبۇل قىلىدۇ.«يەنە خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۇنداق قىلدى ، بۇنداق قىلدى دېسەك بولىدۇ» دەيدۇ.
ئومۇمى ۋەزىيەتكە باغلاپ سۆزلەش سىياسىي پاناھلىق قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى پەقەت ئۆزىنىڭ بېشىغا نېمە كۈن كەلدى، قانداق زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ھاياتى قانداق خەۋپكە دۇچ كەلدى، يېنىدا ئايالى ۋە بالىسى بولسا ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم ۋە خەۋىپلەرنى ئورتاقلاشسىمۇ بولىدۇ.
مەن بۇ يەردە پەقەت ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان پاناھلىق ئىلتىماس ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرىۋاتىمەن، ئۇرۇش بولىۋاتقان سۇرىيە ۋە ئىراققا پۇقرالىرىغا ئوخشىمايدۇ.
ئەگەر شۇ كىشنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۇرمىشىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان دەلىل ئىسپات بولسا تېخىمۇ ياخشى .
مەسلەن:ئۆزى ياكى ئائىلىسىگە چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى، تۈرمىدە جازا ئۆتىگەن ۋە كەسكەن سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسى، قىيىن -قىستاققا ئېلىنغان سىن فىلىملەر، رەسىملەر قاتارلىق.بۇنداق ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەنسە ۋە ياكى ئۆزىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچرىشى دەلىنلەنسە پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ تېزرەك چىقىشىغا ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىقى 25كۈندە چىققانلارمۇ بار، 6يىلدا چىققانلارمۇ بار، خىتايغا يولغا سېلىپ قويغانلارمۇ بار.دېمەك سىزنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىڭىزغا سىزنىڭ بېشىڭىزدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئىككى پاناھلىقنىڭ پەرقى قانداق بولىدۇ.
بىرسى ئۆتنىڭ تېشىدا كۆيىدۇ، بىرسى ئىچىدە كۆيىدۇ دېسەم توغرا ئوخشىتىش بولامىكى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەر بولسا ، پاناھلانغان دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىگە بولىدۇ.
مەسلەن:مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىپ پاناھلىقىم قوبۇل قىلىنىپ، شىۋىتسىيە دۆلىتى پاناھلىقىمنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ،بىرلەشكەن دۆلەتنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن ئايرۇپىلان بېلىتى ئېلىنىپ يولغا سېلىپ قويدى.شېۋتىسيەگە كەلگەندە ئالدىمغا ئىككى خادىم چىقىپ مېنى شۇ تەييارلاپ قويغان ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى.
دېمەك :ماڭا مەسئول بولىدىغان خادىم ، كىرگىدەك ئۆيۈم بار بولدى.
ئۆزىمىز ئايرۇپىلان ۋە باشقا يوللار بىلەن پاناھلىق ئىلتىماس قىلغان بولساقچۇ؟
سىز پاناھلىق ئىلتىماس قىلغان دۆلەتنىڭ كۆچمەنلەرنى كۈتىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيەردىن ئوپچا تاياقتا كىشلەر بىلەن بىر يەردە تۇرۇپ ۋاراڭ -چۇرۇڭ، ئوپچا تاماق، ھالال بولمىسا تەرخەمەك ، سۇت ئىچىپ ، توخۇم يەپ دىگەندەك.
ھازىر كۆچمەنلەر سەلدەك ئېقىپ ياۋروپاغا كەلگەندىن كېيىن، شىۋىتسىيەدە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان جاي تاپالماي، مۇشۇ قىشتا تالاغا چوڭ چېدىر ياساپ تالادا ھايات كەچۈرگىننى كۆردۇق، ئامال يوق . بۇ دۆلەتلەر پىلانلىق ئۆي -ماكان قىلىدىغان بولغاچقا ئارتۇق ئۆيمۇ يوق نۇرغۇن كىشىلەرنى ياتاقلارغا ئورۇنالاشتۇرۇپمۇ پاتماي قالدى.
كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەرلەر ھەم چەت ۋە مەركىزى شەھەرلەر يىراق ئارىلىقتا بولغاچقا كەلگەنلەر تۇرغان يېرىدە زېرىكىش، تىلنى بىلمەسلىكتىن ئىچى سىقىلىش، ئۇيغۇر تاماقلىرىنى سېغىنىش، ئېتىپ يەي دىسە شارائىت يوق، بازاردىن يەي دىسە تېخى يوق، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يەپ كېلەي دىسە ئۇزاق. قاتمۇ -قات قىيىنچىلىق، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر ئۈچۈن ھالال يىمەكلىك تېپىش تېخى تەس ئۇنداق چەت ياقا يەرلەردە شۇ گۆشسىز، كۆكتاتلىق يېمەكلەرنى يەپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.
تۇرغان لاگىردىن قايتىپ كېلىپ ئۇيغۇرلار بار يەردە تۇرۇشقا بولامدۇ؟ بولىدۇ.
ئەمما شۇ كەلگەن يەردە بويتاقلار بىلەن تۇرۇشقا توغرا كەلسە بىر كارىۋاتنىڭ ئايلىق ئىجرا ھەققى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەرگەن تۇرمۇش ھەققى يەتمەيدۇ، ئۇنى ياتاققا بەرسە قوساقنى ئېسىپ قويغىلى بولمايدۇ.سىرىتقا چىقىپلا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. ئىش رۇخسىتى بولۇش، ئاندىن تىلىنى بىلگەن بولۇش، قىلىدىغان ئىشنى قىلالايدىغان بولۇش كېرەك.
قارا ئىش قىلىدىغانلار پەقەت جىسمانى ئېغىر ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن، مەن قىلمىغاندىن كېيىن بىلمەيمەن. ئاڭلىشىمچە ئوكرانىيە ۋە رۇسىيەدىن كەلگەنلەر كۆپرەك قىلىدۇ دەپ ئاڭلىدىم.
بىزدە ياۋروپاغا كەلگەن ئۇيغۇرلار كۆپىنچىمىز كەسىپسىز، تىجارەت قىلىپ شىركەت ئېچىش ئۈچۈنمۇ تىلى ۋە بەزى كۇرسلاردا تەربىيىلىنىشى ۋە مەلۈم ئىقتىسادى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ ئالدى كەينى رۇسلاش ئۈچۈن، 3يىلدىن 5يىل بىر دەمدە ئۆتۈپ كېتىدۇ.رۇخسەتنى تېزراق چىقىرىش ئۈچۈن ياۋروپادا ئارقا ئىشكىنى مەن كۆرمىدىم ئىشقىلىپ ئارقا ئىشىك بىلەن رۇخسەت چىقمايدۇ. بۇ ياۋروپا دىگەن ھەممە ئىشى سىستېمىغا چۈشۈپ بولغان شۇ سېستىما بىلەن ئادەم باشقۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەت بولغاچقا، ئاساسلىق ئارقا ئىشىك يوق پەقەت ئالدى ئىشىكتىن ھەممە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدىكەن.
تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ياردەم قىلىپ ئېلىپ بەرمەمدۇ؟ دەپ سورىدى باشقىلار مەندىن.
بۇ تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىزنىڭ تارتىۋاتقان زۇلمىنى تۇرۇشلۇق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە، خەلققە قانۇنلۇق يوللار بىلەن ئاڭلىتىپ كېلىدىغان ۋە شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ياردەمچى ۋە باشلامچى بولۇپ ئىشىدىن سىرت خالىس خىزمەت ئىشلەيدىغان ئورۇن. بۇ تەشكىلات پەقەت سىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلكىگىڭىزگە سىز شۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان بولسىڭىز ئەزا ئىكەنلكىگىڭىزگە ئىسپات چىقىرىپ ،مەسلىھەت كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
ھۆكۈمەت سىياسىي پاناھلىقىڭىز قوبۇل بولغاندىن كېيىن ئاندىن سىزنى دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ياۋروپادا بىكارلىق دەيدىغان ئوقۇم يوق، يەنى سىزگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئۆينىڭ ئىجارە ھەققىنى، توك پۇلى ،قاتارلىقلارنى چوقۇم بەرگەن پۇلدىن چىقىم قىلىپ تۆلەيسىز، ئاندىن قالغان قىسمىنى قورساققا خەجلەيسىز.
ئۇ پۇللارنى بەك ئىنچىكە ھېسابلاپ بەرگەن بولغاچقا، ئىقتىساد قىلىپ ئېلىپ قېلىش ئىمكانىيىتى بەك ئاز.بالىلارغا بېرىدىغان ياردەم پۇلى بولسا پاناھلىقى قوبۇل قىلغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن 0ياشتىن 16ياشقاكىرگىچە ھەممە كىشىگە بېرىدۇ، بەرگەن پۇل بەك كۆپ دەپ ئويلاپ قالماڭ بالىڭىزنىڭ زاكىسىغا ئاران يېتىدۇ. ئارتۇقچە خىزمەت ئىشلەيمەن دېيىش سىزنىڭ تىلىنى ئوقۇش جەريانىدا مۇمكىن بولمايدۇ، سىز مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ قورساقنىڭ غېمىنى قىلىپ بولغىچە كۈن كەچ بولىدۇ ھەم سىز چىقىپ قىلغۇدەك پارچە -پۇرات ئىشمۇ يوق، ياۋروپاغا كېلىپ باقمىغانلار ۋەتەن پەدىسى بويۇنچە ياكى باشقا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردەك ئويلاپ ھېسابات قىلساق توغرا كەلمەيدۇ.
تۇرمۇش پۇلى دېگەن پۇل بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تۆۋەن كاپالەتلىك تۇرمۇش پۇلى دېگەن ئوخشاش مەنىدە كېلىدۇ.خىزمەتنى ئۆزىڭىز تاپىسىز خىزمەتكە بىر تۇتاش تەقسىم قىلىدىغان ئىش يوق.
ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تۈركىيىدىن ئۆي ئېلىۋاتىدۇ دىسە پۇلىنى ئۇسۇپ تاپامدىكى دەپ ئويلاپ قالماڭلار، شۇ پۇلىنى ئۆي ئالغۇدەك تاپقانلارنىڭ ئالدىغا 15يىل ، كەينىگە 10يىل بولغانلار تۇرمۇشىنى بىر رېتىمغا سېلىپ ئاندىن ئۆي ئالالىغانلار.
ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە ئاساسلىق كۆپىنچە خەلق ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، چۈنكى ئۆي بەك قىممەت .بانكىدىن قەرز ئېلىش ئۈچۈنمۇ قەرز تۆلىگۈدەك ئايلىق كىرىمى بولۇش كېرەك ھەم قەرزى ئېلىش بىز مۇسۇلمانلارغا توغرا كەلمەيدۇ.
سىياسىي پاناھلىق قوبۇل بولغاندىن كېيىن ۋەتەنداشلىق چىققۇچە ساياھەت پاسپورتقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ساياھەت پاسپورتى بىلەن ياۋروپادىكى ئەزا 27 دۆلەتتىن باشقا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋىزا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.ۋەتەنداشلىققا شىۋىتسىيەدە تۆت يىلدىن كېيىن ئىلتىماس قىلسا بىر يىلدىن كېيىن چىقىدۇ.
ئەسكەرتىش نورمالدا تۆت يىلدا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن پاناھلىق ئىلتىماس قىلغاندا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاسپورت كوپىيىسى ، كىملىك، توي خېتى ، پراۋىسى قاتارلىق كىنىشكىلەرنى تەمىنلىگەن بولسا تۆت يىلدىن كېيىن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامىلەر بىلەن تەمىنلىمىگەن بولسا 8يىلدىن كېيىن ۋەتەنداشلىق ئىلتىماس قىلىنىدۇ.ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماس قىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ يىل تارىخى مەن ئاسالىق بىلىدىغان شىۋىتسىيەنىڭ ئەھۋالىنى يازدىم.
ياۋروپادىكى ھاياتتا بىزنىڭ دىننى ئەركىنلىكىمىز دەخلىگە ئۇچرىمايدۇ، مۇنارلىق مەسچىتلەر ئاز بولسىمۇ ئەمما نورمال بىنا ئۆيلەرنىڭ ئاستىنقى قەۋەتلەردىن ئىجارە ئىلىنغان «ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى »نامىدا مەسچىتلەر بار، ئاساسلىق مەركىزى شەھەرلەردە.نامازنىڭ ئەرزان سىرتىغا ئاڭلانمايدۇ، مەسچىت ئىچىگە ياڭراتقۇلۇق ئوقۇلىدۇ.
قۇربانلىق قىلىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ دۆلەتتىمۇ قوينىمۇ قاسساپلىق كىنىشكىسى بار ئادەم ، قوي سويۇش ئورنىدا سويۇش كېرەك ،خالىغان يەردە ۋەتەنپەدىسى قىلىش چەكلىنىدۇ. بىز قۇربانلىق قوينى باشقا دۆلەتتىكى قېرىنداشلار غا يوللاپ شۇنداق ئادا قىلىۋاتىمىز.
پايتەخت ئەتراپىدىكى رايونلاردا بالىلارنى مۇسۇلمانچە مەكتەپلەرگە ، يەسلىگە بېرىمىز، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئىسلام دىنى دەرسلەر قوشۇلۇپ ئۆتۈلىدۇ، مەكتەپلەردە ناماز ئوقۇش ئورنى بار دىگەندەك.باشقا چەت رايونلاردا بۇنداق پۇرسەت شارائىت ۋە ياكى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ يوق.
شىۋىتسىيەدە مائارىپى يەسلىدىن تارتىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز بۇ يەردە ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن دېگەن ئىرادىسى مۇستەھكەم كىشلەر بولسا كېلىپ ئوقۇسا بولىدۇ، لېكىن بالىلارغا بولغان كەڭچىلىك ھەددىن ئارتۇق بولغاچقا كۆپىنچە بالىلار ھۇرون، ئەركىنلىك دائىرىسى كەڭرى بولغاچقا ئەركىنلىك دائىرىسى قىزىل سىزىقنى سىرتىدا .دېمەك ئاتا-ئانا سەل ھۇشيار بولۇپ، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت ئاجىراتمىسا بالىلاردىن ئايرىلىپ قېلىشى ئېنىق.
بالىلارنىڭ ھوقۇقى قانۇن بويىنچە قوغدىلىدۇ، بالىلارنى ئۇرۇپ تىللاشقا يول قويۇلمايدۇ ھەتتا قانۇنى جازاغا تارتىلىدۇ، قوشنىلار ئارقىلىق پاش قىلىنسا ھۆكۈمەت تەرەپتىن بالىلارنى ئۆزى تەربىيىلەشكە ئېلىپ كېتىدۇ.
بالىلارنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىش ، كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، بىزدەك دۆلىتى يوق، مۇنتىزىم سىستېمىسى يوق بىر مىللەت ئۈچۈن تولىمۇ قىيىن بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار جامائىتىنىڭ ئازلىقى ھەمدە تارقاقلىقى ، چەتئەلگە چىقىپ دىنىغا، مىللتىگە ئىگە چىقىش ، مەسئول بولۇش روھىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى ئۆزىمىز توغرا دەپ ھېس قىلغان ھاياتتا ھەر خىل شەكىلدە ياشاۋاتىمىز.
بىز ياشاش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ دىنىمىز بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە، زۇلۇم ئىچىدە ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزگە مەسئول بولغان، شاھىت بولۇپ چىققان شۇ ۋەتەندە قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى چىقارماي ئېلىپ بېرىۋاتقان زۈلۈملىرىنى بىزنىڭ ئاڭلىتىش، پاش قىلىش مەسئولىيىتمىزنى ھەر قاچان ئۇنتۇپ قالمىغان ھالەتتە، كىملىكىمىزنى يوقاتمىغان ئاساستا ئىمكانىمىز يار بەرگەن خىزمەتتە بولىشىمىز كېرەك.
بولۇپمۇ بويتاق كېلىدىغان قىز -ئوغۇللارغا دەيدىغىنىم ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ ئوقۇپ بىلىم ئالدىغان ئىرادىڭىز مۇستەھكەم بولسىڭىز كەلسىڭىز بولىدۇ، بولمىسا نىشانسىز ياشايمەن دېسىڭىز كاللىدىن كەتمىسڭىزمۇ نېرۋىڭىز ئاجىزلاپ كېتىدۇ.ئائىلىسى بارلار ئۈچۈن تۇرمۇش بىر قەدەر ياخشى ئەمما بويتاقلار ئۈچۈن تۇرمۇش بىر قەدەر قىيىن كېلىدۇ.
خۇلاسە كالام ، مەيلى ۋەتەندىن ياۋروپاغا چىقىپ كۆچمەن بولىمەن دەيدىغانلار بولسۇن، مەيلى تۈركىيىدىن قاچاق يوللار بىلەن ياۋروپاغا پاناھلىنىمەن دەيدىغانلار بولسۇن سىز شۇنى ئۇنتۇماڭ، «قازاننىڭ قۇلىقى تۆت دەيدۇ» نەگە بېرىڭ ياخشى ياشاش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەش، ئىزدىنىش، تىرىشىش كېرەك.
سىز جاپا تارتىپ پاناھلىق تىلەپ سەرپ قىلغان شۇ ۋاقىتنى تۈركىيىگە سەرپ قىلسىڭىزمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيىدە تىرىشقان كىشىلەرمۇ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
بۇ گەپنى مەن تۈركىيىگە ھەر خىل يوللاردا كېلىپ قالغان بېشى قېتىپ تۇرغان قېرىنداشلىرىمغا دەۋاتىمەن.
يېقىندىن بۇيان گوللاندىيىگە ھاۋا يولى ئېچىلدى دەپ ئىستانبۇلدا قاچاقچىلار باش كۆتىرىپ قالدى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىخەتەر گوللاندىيىگە بارغاندەك قىلغان بىلەن يولدا قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلماي بىخەتەر يول تاللىشىنى قانۇنلۇق يوللار بىلەن مەسلىھەت ئېلىپ مېڭىشىنى ياۋروپا يولغا سالىمەن دەپ قاچاقچىلىق قىلىۋاتقان ئالدامچىلارغا ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنى، تۈركيەدىكى ھازىرقى بار پۇرسەتنى بەك قەدىرلەپ، تۇركىيەدىكىدەك پۇرسەت ئۇيغۇرغا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يوق ، ئاللا شۇ تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن رازى بولسۇن……
تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت ۋە باشقا كەسىپلەردە تىرشچان، ئەمگەكچان روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شىركەت قۇردى ھەمدە ئاشخانا، مىھمانخانا، رېستوران، تاكسچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەردە ئىستانبۇل بازىرىغا كىردى.
دىمەك ، بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركىيىدە پۇرسەتلەر بەك كۆپ، ئەمما ۋەتەندىن كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنى ۋەتەننى تەرك ئەتمەسلىكىنى بېرىپ -كېلىپ تۇرسىمۇ ۋىجدانى، ئىمانىنى بۇلغىمىغان ئاساستا ھالال تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ۋەتەننى خىتايغا تاشلاپ بەرمەسلىك بىر كىشلىك نوپۇسىمىزنىمۇ ئۆچۈرمەي تىك تۇرىشىمىز كېرەك.
يەنە بىر مەسىلىنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەت ھاياتىدا ياشىشىمىز قانداقتۇر شۇ يەرگە سىڭىپ كۆچمەنلىك ھاياتىمىزنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇرۇش ئەمەس، قانداقتۇر 10-20يىلىنى نىشان قىلىپ ۋەتەننى ئازات بولىدۇ دەپ قارار بېرىۋېتىپ ۋاقتى كەلگەندە ئازات بولمىسا ئۈمىدسىزلىنىپ خۇدىمىزنى يوقاتساق بولمايدۇ.
شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىزدىن بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ ۋاقتمىزنى ، ئىقتىسادىمىزنى ، ئەقىلىمىزنى ، ياخشى كۆرىدىغان جېنىمىزنى پىداكارلىق بىلەن ئاللا رىزاسى ئۈچۈن تەقدىم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ پىداكارلىقنى قىلالماي باشقىلارنىڭ قولى بىلەن مۇستەقىل بولۇشنى ، خىتاينىڭ پارچىلىنىپ قوش قوللاپ بىزگە بېرىشنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش بۇنىڭ ئۇچۇن سەۋەپ قىلماسلىق، بەدەل تۆلەشتىن قېچىش ئۆزىمىز قىلالمىغان مۇستەقىللىق كۆرۈشنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا ئارتىپ قويۇش توغرا بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ بەدەل تۆلەشنى ۋە مۇستەقىللىق يولىنىڭ يېرىمىنى مېڭىپ ئاندىن قالغان مۇساپىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا تاپشۇرساق توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ شۇ يەردە مۇستەقىل ھۆر ھالەتتە ئاللانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان، ھەق-ھوقوقىمىزنى قوللانغان ھالەتتە ياشاش ئاللا بىزگە بەرگەن زېمىندا ئاللانىڭ قانۇنلىرىغا بوي سونۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىل ھۆر، بەختىيار ياشىشى بىزنىڭ نىشانىمىز ۋە ئەڭ ئالىي غايىمىزدۇر…..
2016-يىلى 5-مارت
3 ئىنكاس
ataman
نەبىجان ئاكا ياخشىمۇ سىز، سىزدىن مەسلىھەت سورايدىغان مۇھىم ئىش بار ئىدى، ئىلخەت ئادرىسىڭىز ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز
ئارتۇچ بۇغرا
artuqbugra2015@gmail.com
ataman
Nebijan aka man sizge ilhet yolliwettim. qimmetlik waqtingizni chiqirip manga bir meslihet besingiz